TR EN AR
ھەققىدە

بىز كىم؟

    خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكى، ئورتاق قاراش، پىكىر ۋە سىياسىي يۆنىلىش بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ئاممىۋې سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ، خەلقئارا سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ۋە  مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش تەسەۋۋۇرى بىلەن قۇرۇلغان ئۈست بىرلىكتۇر. بىرلىكنىڭ باش ئورگىنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا بولۇپ، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە ۋە پاكىستاندا جەمئىي 21 رەسمىي ئەزا تەشكىلات بىرلىكنىڭ نىشانى ۋە پىلانلىرى ئاساسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. بىرلىك شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي قىممەت-قاراشلىرىدا چىڭ تۇرىدىغان مىللىي ۋە مۇھاپىزىكار بىر سىياسىي ئىجتىمائىي تەشكىلىي ھەرىكەتتۇر. بىرلىك ماس خارەكتىرلىك خىزمەتلەر ۋە كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلىرى ئارقىلىق خەلقئارالىق ئاممىۋې تەشكىلاتلار، ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىلىم-پەن ئورگانلرى، ئاخبارات ۋە باشقا تەسىر كۈچكە ئىگە كىشىلەر قاتارلىق ئالاقىدار ئىتتىپاقداشلار بىلەن خەلىقئارالىق مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن نەتىجىلەرنى قازانماقتا ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرىتىدە مەشرۇئىيەت ۋە ئىناۋىەتكە ئېرىشمەكتە. بىرلىك ئۈنۈملۈك تەشكىلات قۇرۇلمىسىغا، تەشكىللىنىش ئىقتىدارىغا، مۇتەخەسسىسلەر قۇشۇنىغا ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت تورىغا ئىگە بولۇپ، سياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىتقىسادىي تەسىر كۈچىنى كۈنسىرى كەڭەيتمەكتە. بىرلىك شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۇزۇن يىللىق خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھەرىكەت تەجرىبىسى، ئىلغار خىزمەت پىرىنسىپى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە چوڭقۇر سىياسىي بىلىم ۋە ئاڭغا ئىگە ئىدارە قاتلىمى باشلامچىلىقىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.

    خىتاي خەلقئارا تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئىقتىدارسىزلاشتۇرۇش، ۋە مۇستەبىتلىك ۋە ئاداۋەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىش ئۈچۈن كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيىسى بىلەن ھەركەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خەلقئارا تىنىچلىق، ئىنسانىيەتكە ئورتاق قىممەت قاراشلار، ئادالەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئاساسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە ئىنسانىيەتنى خىتاي تەھدىدىن ئاگاھلاشدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. بىرلىك سىياسىي كۆرىشىدە مىللىي ۋە مەشرۇ ئۇسلۇپلار ئاساسىدا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان، مىللىي قىممەت قاراشلار ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسىي پرىنسىپ سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىنغان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان قۇرۇش نىشان قىلپ ئىلگىرلىمەكتە. بىرلىك خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپ ۋە تىنچلىققا قارىتا تەھدىتىگە قارشى خەلقئارالىق بىر ھەركەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن  تىنىچلىق پەرۋەر، ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە دېمۇكراتىك بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق قەدەم ئېلىپ كەلمەكتە.  بىرلىك يەنە، ئوخشاش تەقدىردە تۇرىۋاتقان باشقا خەلقلەر بىلەنمۇ ئورتاق پروگراملار، پروجىلەر ۋە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، خەلقئارلىق ھەرمكارلىق سېپى شەكىللەندۈرمەكتە.

    خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى  سىياسىي كۈرەشتە ئالى سەۋىيەدە ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، كۈچلۈك شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش، مائارىپ، پاراۋانلىق، ئاخبارات، نەشرىيات ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتارلىق ساھەلەردە ھەم ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بىرلىكنىڭ بارلىق ئەزا تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساھەلەر بويىچە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

 

بىرلىكنىڭ مەقسەتلىرى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىنى قوغدىغان ئاساستا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرىدە مەشرۇ يوللار ئارقىلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش؛
خەلىق دىپلوماتىيىسى، سىياسىي پائالىيەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى، ئىنسانىي ياردەم ساھەلىرىدە ھۆكۈمەتلەر، ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بۇ تۈر مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىش، دۇنيا ۋە رايۇن خارەكتىرلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا خەلقئارا سەھنىدە ۋەكىللىك قىلىش
شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدە ھەمكارلىق ۋە بىرلىك باراۋەرلىكنى بەرپا قىلىدىغان ئىسلاھات نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى مۇھاپىزىكار مىللىي ھەرىكەت ۋە تەشكىلاتلار بىرلەن ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش؛
ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەزا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا تەشكىلىي ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئەمەلىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ياردەم سۇنۇش ئارقىلىق ئورتاق ھەرىكەت مېخانىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛
شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرەت جەمئىيىتىدە قارىتا مائارىپ، ئىقتىساد ۋە تېخىنىكا ساھەلىرىدە ئەركىنلىك، پاراۋانلىق ۋە سىجىللىقنى كۈچلەندۈرۈدىغان پروگراملارنى ئروۇنلاشتۇرۇش؛
ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسى ۋە باشقا خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەر دائىرىسىدە ھەر خىل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش؛
تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى، تېخىمۇ ياخشى پاراۋانلىق ۋە بىخەتەر شارائىت يارىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئېھتىياجلىق بولغان ئىجتىمائىي ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش؛
شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرەت مائارىپىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، تەربىيىلەش مەركىزى، كۇرس، ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى، ئىلمىي پائالىيەت، تەتقىقات ئورنى، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركىزى قۇرۇش ۋە قۇرۇلغانلارنى قوللاش؛

تەشكىلات ئورگانلىرى

ئىدارە ھەيئەت: مەلۇم مۇددەتتە بىر رەسمىي ئەزالار تەرىپىدىن سايلام بىلەن تەيىنلىنىدۇ. ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە ئىدارە ھەيئەت بىرلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسمىي ئورگان ھېسابلىنىدۇ. بىرلىكنىڭ ئىجرائات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئىدارە ھەيئەت رەئىس، ئىككى مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىدارە ھەيئەتنىڭ سانى 11 ئەزادىن تەركىپ تاپىدۇ.

ئىجرائىيە گۇرۇپپىلىرىبىرلىكنىڭ  ئىجرائىيە خىزمەتلىرىنى تەرتىپلەش ۋە ئەزا تەشكىلاتلار ئارىسىدا ماسلىشىشچانلىقنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئېھتىياجغا قارىتا پەرقلىق دائىرىلەردە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. گۇرۇپپىلار ئىدارە ھەيئەت قارارى بىلەن قۇرۇلىدۇ ۋە مەسئۇللىرى بىكىتىلىدۇ. ئىجرائىيە گۇرۇپپىلىرى: تاشقى ئىشلار گۇرۇپپىسى، مالىيە گۇرۇپپىسى، پائالىيەت تەرتىپلەش ھەيئىتى، مېدىيا ئاخبارات گۇرۇپپىسى، تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسى، ئىجتىمائىي ياردەم گۇرۇپپىسى، كاتىبات ھەيئىتى، ئاياللار ۋە ئائىلە خىزمەتلىرى گۇرۇپپىسى

تەپتىش ھەيئىتى: بىرلىكنىڭ خىزمەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللارنى كۆزىتىدۇ. نىزامامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، قانۇنىي مەسىلىلەر ۋە ئىجرائاتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۆزىتىدۇ ۋە بۇ ھەقتە دوكىلات ھازىرلايدۇ. تەپتىش ھەيئىتى 3 ئەزادىن تەركىپ تاپىدۇ.

كېڭەيتىلگەن كېڭەش ھەيئىتىبىرلىك ئەزالىرى ۋە بىرلىكنىڭ خىزمىتىگە ھەمدەمدە بولۇشى كۆزلەنگەن شەرقىي تۈركىستانلىق، بىرلىكنىڭ مىللىي پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىدىغان شەخس ۋە رەسمىي ئەزا بولمىغان تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بىرلىككە قارىتا تەۋسىيە خارەكتىرلىك تەلەپ سونىدۇ. بىرلىكنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چىڭىتىش، بىرلىك ۋەكىللىك قىلغان ئىدىلوگىيە ۋە قىممەت-قاراشلارنى كۈچەيتىش ۋە بىرلىكنىڭ يىللىق خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئىدارە ھەيئەت رەئىسى كېڭەيتىلگەن كېڭەش ھەيئىتى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.