TR EN AR
ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش توغرىسىدا شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللاندى

05 KSM 2022

Paylaş

ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش توغرىسىدا شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللاندى
ئۇيۇشمىمىز ئۇيغۇر ئېرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇش توغرىسىدا شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللىدى
ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئاخىرىقى بەش يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى تەلتۈكۈس يوقىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئاتالمىش تەربىيىلەشنى باھانە قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش كاگېرلىرىغا سولاپ قىيناپ يېرىم پالەچ ھالغا چۈشۈردى ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىدىنى چىقاردى. خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدىن ئىبارەت جازا لاگېرلىرى خەلقئارادا پاش بولغاندىن كېيىن، خىتاي ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ خەلقنى ئۆيلىرىگە سولاپ ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرۈپ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل سىنتەبىر ئېيىدا، شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پارلامېنت ئەزالىرىغا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرىگە قۇيۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشنى تەلەپ قىلىپ خەت يوللاشنى قارار قىلىپ، 2022- يىلى 4- نويابىر جۈمە كۈنى، شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئادالەت مىنىستېرلىقىغا خەت يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇچرىشىش ئۈچۈن تەلەپ سۇنۇلدى.

خەۋەرلەر