TR EN AR
خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى ئۆلىمالار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە باياناتى

خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى ئۆلىمالار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە باياناتى

ناھايتى شەپقەتلىك مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئاللاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئاللاھنىڭ دۇرۇت ۋە سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللالاھۇ ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.  

بىز ئۆلىمالار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. بۇ زىيارەت شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى پەردازلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ زىيارەتكە قېتىلغان ۋەكىللەرنىڭ ئوخشىمىغان ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەن، سىستېمىلىق ۋە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن، ئاتالمىش «تېرورلۇق ۋە ئەسەبىئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى سىياسەتلىرىنى ماختىشىنى ۋە رايوندا تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن  ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى بىر قازاندا ئېرىتىشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدىغان بايانلىرىنى ئەيىبلەيمىز.

Çeviriyi kaydet

بىز بۇ باياناتلار ھەققىدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى تەكىتلەيمىز:

1.    شەرقىي تۈركىستان تىراگېدىيەسى داۋاملاشماقتا، مىليونلىغان كىشى يەنىلا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا. مەسچىتلەر چېقىلماقتا ۋە بەزىلىرى قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىلارغا ئايلاندۇرۇلماقتا، قۇرئانلار كۆيدۈرۈلمەكتە، بارلىق ئىسلامىي ئىبادەتلەر چەكلەنمەكتە. ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشى، قازا قىلغانلار ئۈچۈن مېيىت نامىزى ئۇقۇش ۋە ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا دىنىي نىكاھ قىلىش پۈتۈنلەي چەكلەنمەكتە. خىتاي  بۇ خىل سىياسەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە. بۇنىڭدىكى مەقسەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتۇر.

2.     بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ ناچار ئوبرازىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەكلىپكە بىنائەن خىتاينىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتىنى ئەيىبلەيمىز.

3.     بۇ كېڭەش مۇسۇلمان ئۆلىمالارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا بىنائەنمۇ سۆز قىلالمايدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشى ئېنىق.

4.     شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىش ، ئەركىن ھالدا نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە رايون خەلقى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئالىملار، سىياسىئونلار، يازغۇچىلار ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەرنى شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل زىيارەت قىلىشقا، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى  ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىمىز.

5.     بىز بۇ رايوننى زىيارەت قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ۋە نارازىلىقىغا كۆز يۇمىدىغان سىياسىي ئويۇنغا قاتناشماسلىققا چاقىرىمىز. چۈنكى خىتاينىڭ ناچار ئوبرازىنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان  باياناتلارنى ئېلان قىلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان جىنايىتىگە قاتنىشىش ۋە  بۇ جىنايەتلەرنى قانۇنىي نۇقتىدىن يوللۇق قىلىپ ئاقلاشتۇر. بۇ خىل پوزىتسىيە مۇسۇلمان ئالىم بولۇشتىن تۈگۈل ، ئەركىن ئادەمگىمۇ ماس كەلمەيدۇ.

6.     بىز - بۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويغۇچىلار خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى بۇ خىل زىيارەتلەرنى تەشكىللەشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ۋە  يالغانچىلىق بىلەن ھەقىقەتلەرنى يوشۇرىدىغانلىقىنى  بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەسكەرتىمىز. ئىسلام دۇنياسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ يالغانچىلىقلىرىغا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ۋە ب د ت، خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ھۆججەت ۋە دوكلاتلارغا ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا ياردىم قىلىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈسى كېرەك.

7.     مۇسۇلمان ئۆلىمالار، تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە مۇسۇلمان كىملىكىنى يوقىتىشقا، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى  تونۇپ يېتىشكە،  شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ تەخىرسىز مەسىلە، دەپ ئېتىراپ قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىتراپ قىلىشقا، ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى قوغداشقا ۋە خىتاي ئىشغالىيتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق كونترول مىخانىزمى قۇرۇش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز.  

ئىمزا قويغۇچىلار:

تەشكىلاتلار:

خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

چەت ئەلدىكى پەلەستىنلىك ئۆلىمالار جەمئىيتى

بىلگەلىك جەمئىيتى

مۇسۇلمان ئۆلىمالار جەمئىيتى

رەسۇلۇللاھنى قوللاش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئامانلىق بەرسۇن.

سۈننى ئۆلىمالار جەمئىيتى باش كاتىپى

ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار جەمئىيتى

خەلقئارا قانۇن ئادۇكاتلىرى

لىۋىيە ئۆلىمالارجەمئىيتى

ماراكەش ئۆلىمالار جەمئىيتى باش كاتىپى

يەمەن ئاقارتىش جەمئىيتى

خەلىقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاكادىمىيەسى

خەلىقئارالىق ئەسىرلەرنى ۋە مەھبۇسلارنى قۇتقۇزۇش جەمئىيتى

ئىراق ئۆلىمالار ۋە دەۋەتچىلەرجەمئىيتى

خەلىقئارا قانۇن ۋە ئەركىنلىك جەمئىيتى

ئىستانبۇل ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيتى

ئامىركا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CAIR)

بىلىم ۋە پىكىرى تەتقىقات مەركىزى(IFAM)

21- ئەسىر ئىسلام

سىتەندفور ئۇيغۇر

ئەنگىليە قۇرتۇبە ۋەقفى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى

شەرقىي تۈركستان يېڭى نەسىل ھەركىتى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيتى

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىئا جەمئىيتى

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيتى

فىنلاندىيە ئۇيغۇر كۈلتۈرى مەركىزى

ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيتى

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيەت جەمئىيتى

شەرقىي تۈركىستان سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيتى

ئۇيغۇر ئىلم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقفى

ھىرا تېخنىلوگىيە ۋە تەرەققىيات ۋەقفى

ئىلمىي خىزمەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى

فۇرقان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى

خۇجا ئەھمەد يەسەۋى ئىلم-ئىرپان ۋەقفى

شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيتى

ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتى

پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى

ھاجى ئابدۇساتتار سەئىدىيە مائارىپ ۋە مەرىپەت جەمئىيتى

ھىندىنوزىيە سېۋ ئۇيغۇر

فىرى ئۇيغۇر نەۋ

مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەركىتى(ABIM)

لىۋىيە ئۆلىمالار ھەيئىتى

لىۋىيە پەتىۋا كومىتىتى

كونيا ئاممىۋې تەشكىلاتلار مۇنبىرى

خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى

تۈركىيە پىدائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى

مالايسىيا ئۈممەتنى ئاقارتىش جەمئىيتى(WADAH)

ھەممە كىشىگە ئادالەت(Justice For All)

مالايسىيا 4 ئۇيغۇر

شەخىسلار:

دوكتۇر ناۋاف تەكرۇرى

شەيخ فايسال ئەسسافي

دوكتۇر مۇھەممەد ئابدۇلكەرىم

پىروفىسسور دوكتۇر ۋەسفى ئاشۇر ئەبۇزەيد

دوكتۇر مۇھەممەد ئەسسۇغەير

پىروفىسسور دوكتۇر ياسىن ئاقتاي

پىروفىسسور دوكتۇر ئەھمەد ھەسەن ئەلشىنقىيتى

دوكتۇر ئابدۇللا ئەلزىندانى

دوكتۇر ئابدۇللاھ ئەلقۇبەيسى

دوكتۇر ئابدۇللاھ ئەلھاشىدىي

دوكتۇر كارىم ئەلئەزاۋى

دوكتۇر سەئىيد ئەللافى

پىروفىسسور دوكتۇر سامىي ئەسسائدىي

مەجدىي سالىم

پىروفىسسور دوكتۇر خالىد بېيدۇن

پىروفىسسور دوكتۇر مۇھەممەد رەفىق كوركماز

ئادۋۇكات نەجاتى جەيلان

رەشات پەتەك

دوكتۇر ئېھسان شەنئوجاق

ئابدۇللاھ كادىئوغلى

پىروفىسسور دوكتۇرجەلال ئەرباي

دوكتۇر ئەنەس ئەتتىكرىتىي

ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان

دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا

دوكتۇر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

خەيرۇلئەنۋەر

دوكتۇر ئەھمەد مۇۋەففىق زەيدان

ئابدۇمالىك مۇجاھىد

زوھرى يەھيا

 


باياناتلار