TR EN AR
خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ب د ت ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر كومىتىتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە مەكتۇپ يازدى

15 ŞBT 2023

Paylaş

خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ب د ت ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر كومىتىتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە مەكتۇپ يازدى

 خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ب د ت ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر كومىتىتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە مەكتۇپ يازدى

15-فېۋرال شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر ھوقۇق كومىتىتىنىڭ 73-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلماقچى بولۇپ، بۇ يىغىندا يەمەن، پاناما ۋە خىتايدىكى ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھوقۇقى تەكشۈرۈلىدۇ. بولۇپمۇ خىتايدىن شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك، ئىجتىمائىي ئادالەت، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئائىلە ۋە بالىلارنى قوغداش، ئەمگەك ھوقۇقى، تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئىجتىمائىي كەمسىتىش، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە خىتاي رېجىمىدىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇ يىغىندا بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھىندونېزىيە، مالايسىيا، مالدىۋې، قاتار، ماراكەش، ئالجىرىيە، ھىندىستان، ئۇكرائىنا، پاكىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەسمىي خەت ئەۋەتىپ، ئالدىنقى يىغىنلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «جازا لاگېرلىرى»، بالىلار لاگېرلىرى، «ياتاقلىق مەكتەپ»لەر ، قېرىنداش ئائىلە باھانىسى بىلەن ئائىلە ئىچىدىكى مەھرەمىيەتنىڭ يوقىتىلىشى، شەھەر ئۆزگەرتىش باھانىسى بىلەن مەسچىت، مەقبەرىلەر، قەبرىستانلىق، كونا شەھەر ئولتۇراق رايونى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كونا ۋە تارىخىي ئىمارەتلەرنى چېقىپ يوقىتىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكنى رەت قىلغانلىقى ياكى بۇرمىلانغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئورگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتلىرىنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدۇق.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگىمۇ ئايرىم خەت يېزىپ، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ، ب د ت نىڭ بۇ يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق.

خەۋەرلەر