TR EN AR
رامىزان ئېيىمىزغا مۇبارەك بولسۇن

22 MRT 2023

Paylaş

رامىزان ئېيىمىزغا مۇبارەك بولسۇن

رامىزان ئېيىمىزغا مۇبارەك بولسۇن

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى. خەلقىمىز 74 يىللىق ئىشغال جەريانىدا رامىزان ئايلىرىنى زۇلۇم ، بېسىم ۋە ھەرخىل قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ كەلدى. بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس بىر شارائىتتا ياشاۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ۋە ھۆرلۈكى ، ئىسلامىي كىملىكىنىڭ يېڭىدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن بىز مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. شۇنداقتىلا، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا، دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ۋە ئومۇمىي ئىنسانىيەتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز . بىز بۇ رامىزاننىڭ پۈتۈن دۇنياغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىشىنى ، ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىقى ئىشغال ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى رامىزان بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز.

خەۋەرلەر