TR EN AR
خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى

خەلقئارالىق ئۇيغۇر مۇنبىرى ھەققىدە

خىتاي كۈچلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىدى. يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، ئەرلەر، ئاياللار، ياشلار ۋە قېرىلارجازا لاگېرلىرىدا ئەسىرلىكتە تۇتۇلماقتا، ئۇلار باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشقا ئوخشاش قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىماقتا. مىليونلىغان كىشىلەردىنىي ئەنئەنىلىرىدىن، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ۋە ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا.كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق پاكىتلىرىنى ئاشكارىلىغان نۇرغۇن دوكلاتلىرىدىن (ئۇلىنىش:باشقا، 2021 -يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا قۇرۇلغان بىر مۇستەقىل خەلق سوتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى. بۇ سوتنىڭ قارارى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇشتىكى قىممەتلىك قەدەمدۇر. ئەمما سىياسىي،ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر بار. بۇ خۇسۇستا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (WUC)،خەلقئارالىق ھەسەنە ((HASENE International ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىرلىكتە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا خەلقئارالىق ئىنكاس» شوئارى بىلەن 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى ئورۇنلاشتۇردى.

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سىياسىي گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېچىلىدىغان خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى «Crowne Plaza»مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، خەلقئارالىق ئاكادېمىكلار، قانۇنشۇناسلار، سىياسىيونلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە Brussels يىغىش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە خەلقئارالىق ئىنكاسقايتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. مۇنبەر بىر يۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ۋە مۇزاكىرە باسقۇچلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئورگانلار ئارا ماسلىشىشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈكئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ مۇنبەر يەنە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر قاراشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇچرىشىشىغاۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئادالەتنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىشغا پۇرسەت يارىتىدۇ.

پىروگراممىلار