TR EN AR
تۈركىيە گىراژدانلىقى ۋە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە

19 ARL 2022

Paylaş

تۈركىيە گىراژدانلىقى ۋە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە

تۈركىيە گىراژدانلىقى ۋە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيەدە بىخەتەر ۋە ساغلام تۇرمۇش مۇھىتىگە ئېرىشىشى، كۈچلۈك ۋە جانلىق مۇھاجىرەت جەمئىيىتى بەرپا قىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. كۆپ قېتىملىق ئۇچرىشىشلار ۋە تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن 2022- يىلىنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئومۇمىي يۈزلۈك تۈركىيە گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

بىرلىكىمىز مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا خەلقىمىز ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. بۇ جەرياندا توردا پىكىر-تەكلىپ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىشتا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىكى توپلانغان 300دىن كۆپ تەكلىپلەر ۋە بەزى كىشىلەردىن يۈز تۇرانە ئېلىنغان تەكىپلەر ئارقىلىق تەييارلانغان گىراژدانلىق ئىلتىماسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەپسىلىي دوكلات ۋە تەلەپنامە 9-دېكابىر كۈنىدىكى مەخسۇس زىيارەتتە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھۆرمەتلىك سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىگە سۇنۇلدى ۋە ئىجابىي جاۋابلارغا ئېرىشتۇق. 9-دېكابىر كۈنىدىكى مەخسۇس زىيارەت ۋە 18-دېكابىر دۇنيا مۇھاجىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس پىروگراممىدا بىرلىكىمىز رەئىسى ۋە باشقا ھەيئەت ئەزالىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، مۇئاۋىن مىنىستىر، كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەئىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، نوپۇس ئىشلىرىغا ئالاقىدار بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتتە خەلقىمىز گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئۇچراۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىدىغانلىقى، تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك، قىسقا مۇددەتلىك، ئىنسانىي ۋە باشقا تۈردىكى ئىقامەتتە تۇرۇۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ گىراژدانلىققا ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى، قىسقا مۇددەتتە بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ گىراژدانلىق ئىلتىماسىنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى ۋە باشقا خوش خەۋەرلەرنى تاپشۇرۇۋالدۇق. شۇنداقلا سۆھبەتتە مەسئۇللار تەرىپىدىن يېقىن تارىختا نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ گىراژدانلىققا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ۋە ئانتالىيە شەھىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش چاقىرىقى ئەۋەتىلگەن تەقدىردىمۇ ئىلتىماس قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلىكىمىز تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ گىراژدانلىققا ئېرىشىشى ۋە ھاياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. شۇنداقلا خەلقىمىزنى بولۇپمۇ ئانتالىيەدىكى قېرىنداشلارنى چاقىرىق ئۇچۇرى كەلگەن زامان ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئىلتىماس قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

19/12/2022

خەۋەرلەر