TR EN AR
ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى ۋە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىدىدي ھەرىكەتلەر

19 ARL 2022

Paylaş

ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى ۋە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىدىدي ھەرىكەتلەر

ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى ۋە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىدىدي ھەرىكەتلەر

11- ئاينىڭ 24-كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، سائەت 18:00 دە  شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدىكى  ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆپ قەۋەتلىك بىر بىناغە ئوت كەتكەن.

ئوت ئاپىتى ئۇرۇمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنىغا قايلاشقان بىر ئولتۇراق رايۇندىكى ئۇيغۇرلار تۇرىدىغان بىنانىڭ 15- قەۋەتىدە چىقىپ 17- قەۋىتىگىچە تۇتاشقان، ئىس-تۈتەكلار بولسا بىنانىڭ 21- قەۋىتىگىچە قاپلىغان.   

ئېرىشكەن  ئۇچۇرغا ئاساسەن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن تۇرالغۇنىڭ " نۆل كورونا"  سىياسىتى نامىدا  ئايدىن بېرى تاقاق ئىكەنلىكى، بىنانىڭ كىرىش ۋە جقددىي چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ پەنەركىلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن بىناغا قامىلىپ قالغان كۆپىنچىسىنى  بالىلار ۋە ئاياللاردىن تەركىب تاپقان، 40 نەچچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.  خىتاي تەرەپ بولسا  ئوت ئاپىتىدە پەقەت 10 كىشىنىڭ ۋاپات تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى.  

ئوت ئاپىتىدە4  بالىسى بىلەن بىللە  ۋاپات بۇلۇپ كەتكەن قەمەرنىسا ئابدۇراخىماننىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى مۇھەممەد مەمەتئېلى  ۋە قىزى شاراپەت مەمەتئېلىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا ، خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش  ئەتىرتى ئوت كەتكەن رايۇنغا يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئوتنى ئۆچۈرمەي 3 سائەتكە يېقىن بىنانىڭ ئالدىدا تۇرغان. 

تورداشلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ تۇرالغۇدىكى ئاھالىلەرنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن بىنانىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ  سەۋەپتىن بىنادىكىلەرنىڭ  قاپسىلىپ قالغانلىقنىى ھەمبەھىرلەگەن ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ بۇ تەدبىرلەر سەۋەبىدىن كېچىكىپ كېلىشىگە ئىنكاس قايتۇرغان.

ئاۋغۇستتىن باشلاپ ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە «نۆل كوۋىد» نامىدا ئىنتايىن قاتتىق «كارانتىن» تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى..

خىتاي كوۋىد 19 پەيدا بولغان يەرلەردە باستۇرۇش ۋە كىسەل يۇقۇش زەنجىرىنى ئۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ئىستراتېگىيە يۈرگۈزىۋاتقان بۇلۇپ  ، كارانتىن ، ساياھەت چەكلىمىسى ، كەڭ كۆلەمدە يادرولۇق سىناق قىلىش ، ياسىمىچىلىق ، سودا ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدىكى شىركەتلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەش ياكى قاتتىق  قوغدىنىش تەدبىرلىرى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.  .

كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى چەكلەيدىغان كارانتىن قىلىش تەدبىرلىرى ۋە بۇ تەدبىرلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئېھتىياج ۋە ساقلىقنى ساقلاشتىكى قىيىنچىلىقلارغا قۇشۇلۇپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا ئاخىرقى ۋاقىتلاردا  ئىنكاسلار كۈچەيمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كۈنتەرتىپتىكى جىددىي ئەھۋاللارنى يىقىندىن كۈزىتىپ كىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتتى. 

شەرقىي تۈركىستاندا 40+ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستانلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

26- نويابىر ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشىدە، سائەت 14.00 دە خىتاينىڭ سارىيەردىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. نامايىشچىلارنىڭ ئاخبارات باياناتىنى خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى  ھىدايەت ئوغۇزخان ئوقۇدى.

May be an image of 1 person, standing and outdoors

خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكى  رەئىسى  ئوغۇزخان سۆزىدە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ، پۈتكۈل تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ، ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە دۆلەتلەرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇشىنى ۋە خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي ، ئۈنۈملۈك ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. بۇلۇپمۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى رايۇندا داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ، ھەر كۈن ئېچىنىشلىق ھالدا جېنىدىن ئايرىلىۋاتقان بىگۇناھ كىشىلەرنى ، بىگۇناھ بالىلارنى ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، دىپلوماتىك ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ئۇسلۇبلار بىلەن خىتايغا  بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تەشەببۇسكار بۇلۇشقا چاقىردى.

29- نويابىر  خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان Free Uyghur now  بىۋاسىتە تارقىتىشقا قاتنىشىپ، 24-نويابىر ئۇرۇمچى ئوت ئاپىتى ۋە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە ئۇچۇرلار بەردى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە 24- نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشىكلەرنى تاقاپ قويۇپ ئېچىپ بەرمەي قىرغىن قىلغانلىقىغا قارشى، 2022- يىلى 29- نويابىر سەيشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

May be an image of 10 people, people standing and outdoors

تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۇرۇمچىدىكى ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن خىتايغا ئىنكاس قايتۇردى.

1- دىكابىر ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكى،ئىخاخا  ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى ئىخاخا ۋەقفىنىڭ  فاتىھتىكى مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى (UMHD) نىڭ رەئىسى ، ئادۋوكات ئابدۇللا رەسۇل دەمىر ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن تەييارلانغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش سۆزىنى ئوقۇدى.

ئىخاخا رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ئۇرۇمچىدىكى ئوت ئاپىتى ئالدىدا ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى ۋە زۆرۈر ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى بايان قىلدى..

ئۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنى  شەرقىي تۈركىستاندىكى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى خىتايغا ئىپادە بىلدۈرمەسسە، بۇ زىيانكەشلىكنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ دۆلەتلەرنى  خىتاي  بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.  يىلدىرىم مۇنداق دېدى: "بۇ ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىدۇر.  مەن بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى چاقىرىق قىلىۋاتىمەن.  بۇ ئۈممەتنىڭ ئىززەتى ۋە ھۆرمىتى بىلەن ئوينىماڭ. مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭ. بولمىسا، بىز بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىمىز " دېدى.

May be an image of 11 people and people standing

ئۇرۇمچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان ۋىلايەتلىرىدە  بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

3- دىكابىر  خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر گۇرۇپ بالىكەسىىر دۇرسۇنبەي ئانادولۇ تۇلۇق ئوتتۇرا  مەكتىپى، بۇرسا  قۇم دانىسى  جەمئىيىتى ۋە ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى باغچىىلار تارمىقىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

4- دىكابىركۈنى ، ئىستانبۇل فاتىھ مەسچىتىدە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ، ياش ئىخاخا، ياش ھەرىكەت ۋە ياش IDBS تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشىدە بامدات نامىزىدا يىغىلدى. نامازدىن كىيىن مەسچىت ھويلىسىدا خىتاينىڭ  ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى  ئەيىبلىدى.

4- دىكابىركۈنى ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ، «شەرقىي تۈركىستانغا ئاۋاز قوش» دېگەن نام بىلەن خىتاينىڭ  ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

May be an image of 3 people and people standing

5- دىكابىر كۈنى ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن قانال 34دىكى مۇرات ماراپنىڭ «يېڭى سۆز» پروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى.

May be an image of 2 people, people standing and text that says '"Doğu Türkistan'da Çin zulmü" Kanal 34 1 #YeniBirSöz Abdulahad UDUN DOĞU TÜRKİSTAN İnsan Hakları Derneği Genel Seketeri Murat MARAP MODERATÖR 05.12.2022 Pazartesi Saat: 20:00'

7- دىكابىر كۈنى ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكى  رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى دوكتور ئەلى رۇزى  ئۆزئۇيغۇر ۋە نۇزۇگۇم ئائىلە-مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋەر ئوزئۇيغۇر خانىملار ماۋەرا مائارىپ ۋە ساغلاملىق فوندىنىڭ «يەر شارىنىڭ ياخشىلىق ھەرىكەتلىرى» پىروگراممىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئالاھىدە سانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.

May be an image of 4 people and text that says 'mavera TV youtube.com/maveravakfiresmi YERYÜZÜNÜN İYİLİK HAREKETLERİ DOĞU TÜRKİSTAN ÖZEL YAYINI Aralık 2022 Saat: 11.00 Online KONUK KONUK KONUK MODERATÖR Hidayatullah Oğuzhan Dr. Ruzi Ozuygur InşaatMühendisi Inşaat Münevver Ãzuygur DernegiBaşka Mürşide Yakaryılmaz Sosyolog YAYINLARIMIZ MAVERA TV YOUTUBE KANALIMIZDA GERÇEKLEŞTİRİLMEKTEDİR. mavera Eğitim ve Sağlık Vakfı Kısıkhı Mah Sarıgazi Cad. No:4 Çamlıca/ Üsküdar/lst. maveravakfi.org mavera.tv €021634 maveravakfiresmi maveravakfi| mavera.vakfi'

7- دىكابىركۈنى ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارۈىرلىكى رەئىسى ھىدايەت ئۇغۇزخان ۋە رەھبەرلىكىدە بىر گۇرۇپ ، ئىبن خالدۇن ئونىۋېرسىتى  شەرقىي تۈركىستان شەرقىي ئۈستىلى، ئىسلامى مەدەنىيەت كۇلۇبى ۋە تۈرك كۈلتۈرى ۋە تارىخى تەتقىقات كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھېكايىسى ۋە ئۇرۇمچى شەھىدلىرى ئۈچۈن خەتىم -دۇئا پروگراممىسىغا ئىشتىراك ئەتتى.

May be an image of 10 people and people standing

77 ۋىلايەتتە خىتايغا غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

9- دېكابىر جۈمە كۈنى ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە گەنچ ئىخاخا بىرلىكتە ئىستانبۇلدىكى فاتىھ مەسچىتىنىڭ ھويلىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ۋە خەلقئارا مۇساپىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى  ئابدۇللا رەسۇل دەمىر  ئاخبارات ئېلان قىلىش سۆزىنى ئوقۇدى.

May be an image of 6 people and people standing

شۇ كۈنى ، گەنچ ئىخاخا جۈمە نامىزىدىن كېيىن 77 ۋىلايەتتە  ئاخبارات ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان ۋەھشىيلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى. بىرلىك رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەنقەرە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

May be an image of 6 people, people standing and outdoors

شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە قاراپ چىقىلدى.

10- دىكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، ئىخاخا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى ، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى ، گەنچ ئىخاخا، İNSAMER ، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىف ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كۇلۇبى ۋە مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى  ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىف ئونىۋېرسىتىدا  شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئادالەت ئىزدەش تىمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

May be an image of 3 people, people sitting and people standing

10- دىكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرىقلارئېلى ئىخاخا جەمئىيىتىدە «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ۋەكىلى زىكرۇللا ئالىم يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى.

10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرە مەركىزىدە «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» تېمىسىدىكى يىغىندا ژورنالىست ۋە يازغۇچى مىركامىل قەشقەرلى خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.

10- دىكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ، زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش مەقسىتىدە  نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلدى.

13- دېكابىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكىىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇسالام تەكلىماكان چاكۇ ئىخاخا ئۇيۇشمىلىرى ۋە چانكىرى گەنچ ئىخاخا تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان « كىشىلىك ھوقۇق ۋە دەخلى-تەرۇز دائىرىسىدە شەرقىي تۈركىستان » تېمىسىدىكى يىغىنغا قاتناشتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى.

12- دېكابىر جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئەنقەرەنىڭ چۇبۇك ناھىيەسىدە  ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستانغا ئاۋاز» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلىقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن  ئابدۇلھەمىد پامىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.

بىرلىكىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا.

خەۋەرلەر