TR EN AR
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلدى

12 OCK 2023

Paylaş

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭىشى ئۆتكۈزۈلدى

 

6- يانۋار، جۈمە كۈنى ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭىشى ئىستانبۇل ۋالىلىقى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى، تۈركىيە ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەر ساھەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى ، ئۆلىمالار ، ئاكادېمىكلار ، جامائەت ئەربابلىرىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەيتىلگەن ئالىي كېڭىشى 2023-يىللىق 1- قېتىملىق يىغىنى 6-يانۋار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

كېڭەش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى ۋە  شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۇقۇش بىلەن باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن ، بىرلىك رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە بىرلىكنى قوللىغان ۋە ھەر ساھەدىن يىغىن قاتناشقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى. كىيىن ئۇ بىرلىكنىڭ سىياسىي پرىنسىپى ، ئىستراتېگىيىسى ۋە نىشانىنى تونۇشتۇردى.

Bir 2 kişi görseli olabilir

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئۇستاز ئاتاۋۇللا شاھيار سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىدە تەشكىللىك  ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

Bir 2 kişi, oturan insanlar ve ayakta duran insanlar görseli olabilir

كېڭەش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىنىڭ  بىرلىكنىڭ نىزامنامىسىنى كېڭەش ئەزالىرىغا ئۇقۇپ ئۆتىشى بىلەن داۋام قىلدى ۋە بىرلىكنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئۇقۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا 2023-يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئورتاقلاشتى.

Bir 2 kişi, oturan insanlar, ayakta duran insanlar ve iç mekan görseli olabilir

ئاندىن ، بىرلىكنىڭ مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىزامىددىن تەمكىنى 2022- يىللىق مالىيە دوكلاتى ۋە 2023- يىللىق خامچوت پىلانىدىن دوكلات بەردى.

Bir 5 kişi, oturan insanlar ve ayakta duran insanlar görseli olabilir

يىغىن كېڭەشكە قاتناشقان ئەزالارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ۋە تەۋسىيەلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

GÖRSELLER

خەۋەرلەر