TR EN AR
پىراكتىكانت تەربىيىلەش پروگراممىسى

05 HZR 2023

Paylaş

پىراكتىكانت تەربىيىلەش پروگراممىسى

پىراكتىكانت تەربىيىلەش پروگراممىسى

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى - شەرقىي تۈركىستان دەۋا خىزمىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان يېڭى يېتىلىۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ تەشكىلىي خىزمەتتە رول ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەشكىلات سېپىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تۈركىيەدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتى تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇلارغا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە قۇرۇش ۋە تونۇشۇش مىخانىزىمى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە، پىراكتىكانت تەربىيەلەش پىروگراممىسىنى يولغا قويدى.
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى چۈشۈنۈش، تەشكىلاتلار بىلەن تونۇشۇش، كەسپىي بىلىملەر ۋە ماھارەتلەرنى ئىگىلەش ۋە شۇنداقلا خىزمەت تەجرىبىسىگە ئېرىشىشنى خالايدىغان بارلىق ياشلىرىمىزنى بۇ پىروگراممىغا تىزىملىتىشقا چاقىرىق قىلىمىز.
تەربىيەلەش پىروگراممىسى مۇددىتى 3 ئاي داۋاملىشىدۇ. (7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن، 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە) بارلىق ساھەلەرگە ئىلتىماس قىلىدىغانلارغا كەسپ بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تۈركىيەدىكى پىراكتىكا خىزمەتچى مىقدارى بويىچە مائاش بېرىلىدۇ.
تىزىملاتقاندىن كېيىن، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئارقىلىق نامزاتلار تاللىنىدۇ. ئاخىرىقى تىزىملاش ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 15-كۈنى.

پىراكتىكا ئورۇنلىرى ۋە شەرتلىرى:

تەتقىقاتچى:
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ سىياسىي پىلانلىرى، خىزمەتلىرى، سىياسەت ئانالىزى ۋە شۇنداقلا ئىجرا قىلىنىۋاتقان پروجەكتلەرغا كېتەرلىك ماتېرىياللارنى توپلاش مەقسىتىدە بېكىتىلگەن تېمىلار بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. تەتقىقات ماتېرىيال توپلاش، يېزىش، دوكلات ھالىتىگە ئەكېلىش ، ئىزدىنىش ۋە ماقالىلەرنى يېزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: ھەر ھەپتىدە 3 كۈن – تەشكىلات ۋە ئىشلىگۈچى بىلەن كېلىشكەن ئاساستا خىزمەت ۋاقىتلىرى بېكىتىلىدۇ . تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى خىزمەت ۋاقتىغا ھېسابلانمايدۇ .
خىزمەت ئورنى: 2 كىشى

تەلەپلەر:
ئۇنىۋېرسىتېتى 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇش
يۇقىرى سەۋىيەدە تۈركچە بىلىش ۋە ئۈچىنچى بىر تىل بىلىش
يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بولۇش

ۋەزىپىلىرى:
تاپشۇرۇلغان تېمىلاردا ئىزدىنىش ۋە ماتېرىيال تەييارلاش
ئۆزىگە ئايرىلغان ساھەلەردە ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇش
ماقالە يېزىش
دوكلات ھازىرلاش

بۇ ئورۇنغا كىرگۈچى ئۈچۈن تەتقىقات مېتودلىرى ، تۈرلىرى ۋە دوكلات تەييارلاش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تەشۋىقات پىلانلىغۇچىسى:
بىرلىكنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى، تور بېتى ۋە باشقا سۇپىلار ئۈچۈن تەشۋىقات پىلانى تۈزىدۇ. بىرلىكنىڭ رەئىسى ۋە رەھبەرلىك قاتلىمى ، بىرلىكنىڭ تەشكىلىي كىملىكى ئۈچۈن مەخسۇس پىلانلار تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. پىلانلىغۇچى پەقەت تەشۋىقات پىلانى تۈزىدىغان بولۇپ، لايىھە، تەرجىمە ئىشلىرىغا باشقا خىزمەتچىلەر مەسئۇل بولىدۇ. پىلانلىغۇچى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش، بېكىتىش ، تاللاش ۋە تارقىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ. خىزمەت مۇددىتى ئىچىدە قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەشۋىقات پىلانلىرى ۋە نىشانلار بېكىتىلىدۇ .

خىزمەت ۋاقتى: ھەر ھەپتىدە 3 كۈن – تەشكىلات ۋە ئىشلىگۈچى بىلەن كېلىشكەن ئاساستا خىزمەت ۋاقىتلىرى بېكىتىلىدۇ . تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى خىزمەت ۋاقتىغا ھېسابلانمايدۇ .

خىزمەت ئورنى: 1 كىشى

تەلەپلەر:
ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى پىششىق بىلىش
ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقات ماھارەتلىرىنى چۈشۈنۈش
يۇقىرى سەۋىيەدە تۈركچە بىلىش
كۈنتەرتىپتىن خەۋەردار بولۇش ۋە ئۇنىۋېرسال بىلىمى مول بولۇش

ۋەزىپىلىرى:
ئىجتىمائىي تاراتقۇچى ھېسابلىرىنى ۋە تور بەتنى باشقۇرۇش
تەشۋىقات پىلانى تۈزۈش ۋە پىلاندا قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانلارنى بېكىتىش
ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىغا كەلگەن ئىنكاسلارغا جاۋاب بېرىدۇ ، ھېسابلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ساقلايدۇ.
ھەر كۈنى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەزمۇنى تارقىتىدۇ.

بۇ ئورۇندا ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن كەسپىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەشۋىقات پىلانلاش بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

پروجە باشقۇرغۇچىسى

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ۋە ياكى ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ پروجەكتلىرىنى تەييارلاش، تۈزۈش، ئىجرا پىلانى تۈزۈش، خىزمەت تەقسىماتى قىلىش، ئىجرائاتقا مەسئۇل بولۇش ۋە ئىجرا دوكلاتى تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ . بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگۈچى ئىشخانا سىرتىدىمۇ خىزمەت قىلىدۇ. ئىجرا خىزمەتلىرىدە گۇرۇپپا ئەزالىرى سۈپىتىدە ياردەمچىلەر بېكىتىلىدۇ . پەرقلىق ساھەلەردە پروجەكت تۈزۈش بويىچە مەخسۇس ۋەزىپە تاپشۇرۇلىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: ھەر ھەپتىدە 3 كۈن – تەشكىلات ۋە ئىشلىگۈچى بىلەن كېلىشكەن ئاساستا خىزمەت ۋاقىتلىرى بېكىتىلىدۇ . تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى خىزمەت ۋاقتىغا ھېسابلانمايدۇ .

خىزمەت ئورنى: 3 كىشى

تەلەپلەر:
ئۇنىۋېرسىتېت 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇش (ئىگىلىك باشقۇرۇش، تىجارەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.)
يۇقىرى سەۋىيەدە تۈركچە بىلىش
پروجەكت تۈزۈش تەجرىبىسى بولۇش ۋە ئىجرائىيە قابىلىيىتى بولۇش

ۋەزىپىلىرى:
بەلگىلەنگەن تۈر بويىچە پروجەكت تەييارلاش
پروجەكتلەرنىڭ مالىيە پىلانىنى تۈزۈش
ئىجرا پىلانى تۈزۈش
ئىجرا گۇرۇپپىسى قۇرۇش
ئىجرا قىلىش
ئىجرائات دوكلاتى تەييارلاش

بۇ ئورۇندا ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس پروجەكت تەييارلاش، تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش، خەلقئارا سەۋىيەدە پروجەكت تەييارلاش ۋە ئىلتىماس قىلىش ماھارەتلىرى تۈگىتىلىدۇ .

سىياسىي پائالىيەت پىلانلىغۇچى
بىرلىكنىڭ تاشقى ئىشلار ھەيئىتىنىڭ بېكىتكەن پىلانلىرى ۋە نىشانلىرى ئاساسىدا سىياسىي پائالىيەت پىلانى تۈزىدۇ، ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن ئالاقە قۇرىدۇ. كۆزلەنگەن نىشانلارغا يىتىش ئۈچۈن مۇمكىن بولغان يوللارنى ۋە ئۇسلۇبلارنى ئىزدەيدۇ، پائالىيەت پىلانى تۈزىدۇ ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. بەلگىلەنگەن نۇقتىلاردا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئانالىز دوكلاتى تەييارلايدۇ. بىرلىكنىڭ خىزمەتلىرىگە باغلىنىدىغان بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئىزدەيدۇ ۋە ئالاقە ئورنىتىدۇ. بۇ خىزمەت پروجە باشقۇرغۇچىلار بىلەن بىرگە ئېلىپ بارىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: ھەر ھەپتىدە 5 كۈن – تەشكىلات ۋە ئىشلىگۈچى بىلەن كېلىشكەن ئاساستا خىزمەت ۋاقىتلىرى بېكىتىلىدۇ . تەربىيەلەش پىروگراممىلىرى خىزمەت ۋاقتىغا ھېسابلانمايدۇ .
خىزمەت ئورنى: 1 كىشى

تەلەپلەر:
ئۇنىۋېرسىتېت 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇش (خەلقئارا مۇناسىۋەت ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.)
ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي تەشكىلاتلاردا ئىشلەش تەجرىبىسى بولۇش
سىياسىي پائالىيەت تەجرىبىسى بولۇش
يۇقىرى سەۋىيەدە ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە بىلىش
ئالاقىگە پىششىق بولۇش

ۋەزىپىلىرى:
تاشقى ئىشلار ھەيئىتىنىڭ پىلانلىرىنى رەتلەش ۋە ئىجرائاتلىرىنى كۆزىتىش
بىرلىكنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن ئالاقە قۇرۇش، يېڭى ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئىزدەش
ئىجرا قىلىنىۋاتقان سىياسىي پروجىلەرنى كۈزىتىش
بېكىتىلگەن نىشانلار بويىچە پائالىيەت پىلانى تۈزۈش ۋە پروجەكت باشقۇرغۇچى بىلەن ئىجرا قىلىش
بىرلىكنىڭ سىياسىي نىشانلىرىغا ماس كېلىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلار ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە ئالاقە قۇرۇش

بۇ ئورۇنغا كىرگۈچى ئۈچۈن ئىنگلىز تىلىدا مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىزمەت ئورنى بويىچە كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تىزىملىتىش ئۇلانمىسى:

https://forms.gle/og3BhihEr2Fi63vA7 

ئالاقە ئۈچۈن:

ئالاقىلاشقۇچى: ئىبراھىم سىدىق
تېلىفۇن: 05348182988

 

 

خەۋەرلەر