يېڭى دېھلىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە يېڭى قۇرۇلغان ھىندىستان ئۇيغۇر جەمىيىتى ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان مۇھىم يېغىلىش ئۆتكۈزدى. يېغىنغا ھىندىستاننىڭ لاداخ، كارگىل، سرىنگار ۋە يېڭى دېھلى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن 12 كىشى قاتناشتى ۋە ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رېئال ئەھۋالى، قېيىنچىلىقلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدىكى تېرىشچانلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىش قارارى بىلەن يېغىن ئاخىرلاشتى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يېغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىدە؛ مۇھاجىرەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتى ۋە بىرلىكىمىزنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىلىي خىزمەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى يورۇتۇپ بەردى.
يېغىندا سۆز قىلغان ئادۇكات مۇھەممەد شارىڭ لاسسو ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداشتا تەشكىلىي خىزمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى ۋە ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە تورىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يېڭى قۇرۇلغان ھىندىستان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاسىم ئابدۇللاھ جەمىيەتنىڭ غايە - مەقسەتلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ؛ ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يىغىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە مەدەنىي بىرلىكنى ساقلاپ قىلىشنىڭ جەمىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم پىلان ۋە مەقسەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھىندىستان جەمىيىتىگە تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە بىرلىكنى بەرپا قىلىش ۋە خەلقئارادا ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۈچلۈك بىر شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىش پىلانىنىڭ بارلىقى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەھۋالى
ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرا قوشنىسى بولغان لاداخ رايونىنىڭ لەھ ۋە كارگىل شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ سىرتىدا جامۇۋا ۋە كەشمىرنىڭ سرىنگار شەھىرىدىمۇ ئۇيغۇر جامائىتى مەۋجۇت بولغاندەك پايتەخت يېڭى دېھلىدىمۇ ناھايىتى ئاز ساندا ئۇيغۇر نوپۇسى بار. ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 70 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىن ھىجرەت قىلىپ چىققان ئائىلىلەرنىڭ نەۋرىلىرى بولۇپ، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلات ئۇيغۇرلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ جامائەتچىلىكنىڭ پېشقەدەملىرى ئۇيغۇرچە پاراڭلاشسىمۇ ياشلار ئىنگىلىزچە ۋە ئۇردۇچە پاراڭلىشىدۇ.
لاداختىكى ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن ساياھەتچىلىك ساھەسىدە خىزمەت قىلىدۇ ۋە تۇرمۇشى بۇ خىزمىتى ئارقىلىق قامدايدۇ. ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ھىندىستاندا 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇ كىچىك جامائەتچىلىك ھىندىستاندا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش بىلەن بىللە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتكە ماسلىشىپ ياشاشقا تېرىشىۋاتىدۇ.
مەزكۇر يېغىن ھىندىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك بىر شەكىلدە تەشكىللەش ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە بېسىلىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە بىلەن ئاخىرلاشتى.