TR EN AR
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

ھىدايەت ئۇغۇزخان- تەرجىمھالى

ھىدايەت ئۇغۇزخان، 1975-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە 6 بالىنىڭ ئەڭ چۇڭى بۇلۇپ تۇغۇلغان. 1997-يىلىدا قەشقەردە زەينەپ خېنىم بىلەن توي قىلغان ۋە 4 پەرزەنتى بار. ھىدايەت ئۇغۇزخان ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەپچە، ئۇردۇچە ۋە  پەنجاپچە قاتارلىق تىللارنى پىششىق بىلىدۇ.

ھىدايەت ئۇغۇزخان 1984-يىلى  پاكىستانغا چىققان بۇلۇپ، ياش ۋاقىتلىرىنى پاكىستاندا ئۆتكۈزگەن ۋە  پاكىستاندا باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، لاھوردىكى خەلقئارا ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئىسلام پەنلىرى بويىچە تولۇق كۇرسنى تاماملىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئۇ پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستانغا تارىخى نەزەر» ناملىق ماگىستىرلىق ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

2006- يىلى ، سەبداشلىرى بىلەن قېرىنداشلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ، ئورتاق پىكىر ۋە مەسلىھەتتە ھەرىكەت قىلىش ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تونۇتۇش ، شەرقىي تۈركىستان ئەۋلادلىرنىڭ  تېخىمۇ بىلىملىك ​​ۋە ئاڭلىق كۈرۈشچىلەر بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىىشغا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان سىياسىي ئورگان قۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتنى قۇردى ۋە پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.  ھازىرغا قەدەر، بۇ ھەرىكەتنىڭ قول ئاستىدا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىكى 20 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات ئورتاق پىكىرۋە مەسلىھەت بىلەن پائالىيەت ئېلىپ باردى. 2018-يىلى ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى  مۇھاپىزكار تەشكىلاتلار ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ رەھبەرلىكىدە يىغىلىپ، ئۈست بىرلىك  دەرىجسىدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان  تەشكىلاتلار بىرلىكىنى قۇردى.

تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئەركىن سودا قىلىپ  مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەربۇلۇپ تۇنۇلغان  ھىدايەت ئۇغۇزخان،  گەرچە ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا بېغىشلىغان بولسىمۇ ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ ھەسسىدارى سۈپىتىدە سودا پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.  

تەشكىلىي قۇرۇلما