TR EN AR
نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى

نۇرمۇھەممەد تۈركىستان

 

مۇۋەققەت ئىدارە ھەيئەت رەئىسى

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق جامائەت ئەربابى بولۇپ، تۆت پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ھەمدە پېشقەدەم داۋا يېتەكچىسىدۇر.ئۇزۇندىن بېرى، نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي  ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ يېتەكچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاممىۋى تەشۋىقات، جامائەتچىلىك ۋە لوبىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئاۋسترالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم مالايسىياغا بېرىپ، ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تەرغىب قىلغان. ھازىر ئۇ خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ھۆرمەتلىك نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئەپەندى 2025-يىلى 26-ئاپرېلدىن باشلاپ تەشكىلاتلار بىرلىكى كېڭەش قارارى بىلەن بىرلىكنىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى بولۇپ تەيىنلەندى.

تەشكىلىي قۇرۇلما