ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سۇلايمان سويلۇ: 10 مىڭدىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى گىراژدانلىققا قوبۇل قىلدۇق، يەنە قوبۇل قىلىش ئالدىدا
23-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈركىيە گىراژدانلىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرۇق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنى تۇنجى كەلگەنلەردىن باشلاپ تۈركىيە گىراژدانلىقىغا قوبۇل قىلىشنى باشلىدۇق ۋە ھازىرغىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى تۈركىيە گىراژدانلىقىغا قوبۇل قىلدۇق، ئۈچ كۈن ئىلگىرى 2000 قېرىندىشىمىزنىڭ گىراژدانلىققا ئۆتۈش تەلىپىگە ئىمزا قويۇپ جۇمھۇرىيەت پرېزىدېنتى ئەردوغانغا يوللىدۇق، ھۆرمەتلىك پرېزىدېنت ئەردۇغاننىڭ تەستىقلىشى ۋە ئىمزا قويۇشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارمۇ تۈركىيە گىراژدانلىقىغا قوبۇل بولىدۇ، ھازىر قولىمىزدا يەنە 3500 قېرىندىشىمىزنىڭ ئارخىپى ئىمزا قويۇشقا تەييار بولدى، ئۇلارنىڭ ئارخىپلىرىنى ئەڭ يېقىن ئارىدا يوللايمىز ۋە ئۇلارمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گىراژدانى بولىدۇ، ئەسلىدە ئۇلار تۇغۇلۇشتىنلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىراژدانى ھېسابلىنىدۇ».
سۇلايمان سويلۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلگەنلىكى» نى ئىپادىلىدى ۋە «دەسلەپتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق ئوقۇشى كېرەكلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ كۆڭۈل بۆلدۇق»، دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت، يەنى تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسەت كارتىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى، ھېچكىمنى ئىقامەتسىز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ سۆزىدە يەنە 2-ئايدا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ ياردەم قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، قېرىنداشلىقنىڭ، ۋاپادارلىقنىڭ، قىيىن كۈنلەردە قول ئۇزىتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانىڭلارغا ئوخشاش ئۇ يەردە بۇنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار».
سۇلايمان سويلۇ، پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن نەچچە يىلدىن بۇيان يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، 6 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتىمەن، رەجەپ تاييپ ئەردوغان ماڭا، سۇلايمان سەندىن بىرىنچى تەلىپىم، مېنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنى يالغۇز تاشلاپ قويمايسەن، دېگەنىدى. پرېزىدېنتىمىزنىڭ بۇ بۇيرۇقىنى مەن ھېچ قاچان ئىسىمدىن چىقارمىدىم، بۇ يەردە ئەڭ زور، ئەڭ قىيىنچىلىق كۈنلەردە، بىزنى ئەڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچراتقان كۈنلەردىمۇ بوينىمىزنى ئەگمىدۇق. پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردىمىنى بەرگەن تۈركىيەنىڭ ‹تۈركىيە يۈز يىلى› يالغۇز 780 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ بەلكى ‹تۈركىيە يۈز يىلى› (2023-2123) پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ يۈز يىلى بولىدۇ».
ھېيىتلىشىش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، بۇ ھېيىتلىشىش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «گەرچە قەلبىمىز قان يىغلاۋاتقان ۋە پەرىشان ھالدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىز چەتئەلدىكى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈمىد بەخش ئېتىش، ئۆز-ئارا دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى كۈچەيتىش، مۇھاجىرەت دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائەتچىلىكىنى جانلىق تۇتۇشنى كۆرسىتىۋاتىمىز. بىز ئۈمىدسىزلىككە دوچار بولماسلىق، پىسخىكىنىڭ بۇزۇلماسلىقى، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مىللىتىمىزنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاش ۋە مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز».
ھېيىتلىشىش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچ-يالىڭاچ قالسىمۇ ياشىيالايدىغانلىقىنى، بىراق ۋەتەنسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ھەر قانداق بەدەل تۈلەشكە رازى ئەمما زېمىندىن ۋاز كېتىشكە قەتئىي رازى ئەمەس»، دەپ تەكىتلىدى.
پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر ياش ناخشىچىلاردىن ئامىر قىلىچ ۋە خەيرىننىسا قىلىچ قاتارلىق سەنئەتچىلەر سەھنىگە چىقىپ «ۋەتەن» ناملىق بىر قانچە پارچە ناخشا ئورۇنداپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋارىسجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش «ۋەتەن ھەسرىتى» تېمىسىدىكى نەسىر شېئىرنى ئوقۇدى، پېشقەدەم مۇھاجىرلاردىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىم مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئاخىرىدا ئۆسمۈرلەرگە بايراملىق پۇل تارقىتىش بىلەن پائالىيەت خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى