TR EN AR
15 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى 6 – قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى خۇلاسە دوكلاتى

15 نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى

6 قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى

 خۇلاسە دوكلاتى

 

15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى، 6-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى 22- سېنتەبىردىن 25- سېنتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ ئەھمىيەتلىك مىللىي شۇرا يىغىنىغا ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىىنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، خەلقئارالىق ۋە يەرلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار، ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادىمىكلار، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مىللىي شۇرا يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پۇرسەتلەر ۋە بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش يوللىرى، شۇنداقلا تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ باردى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا:

خەلقئارا  تەرتىپ نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى،

 شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى،

 شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە چارىلەر دېگەنگە ئوخشاش ئۈچ ئاساسىي تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

1. تېما: خەلقئارا  تەرتىپ نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى

بۇ مۇزاكىرىدە: ياۋروپا خىتاي مۇناسىۋىتى

·                   ئوتتۇراشەرق ۋە خىتاي مۇناسىۋىتى

·                   ئاسىيا ئەللىرى ۋە خىتاي مۇناسىۋىتى قاتارلىق تارماق تېمىلار تەھلىل قىلىندى.

2. مۇزاكىرە تېمىسى: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى.

بۇ مۇزاكىرىدە:

·                   خىتاي دۆلەت ئسىتراتېگىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى،

·                   رايون ۋە خەلقئارالىق ئامىللار نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ كەلگۈسى ئەھۋالى،

·                   شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى،

·                   شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىنىڭ ئىجتېمائىي ئامىللىرى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ھەرىكەتكە بولغان تەسىرى،

·                   تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى،

·                   شەرقىي تۈركىستان كرىزىسى؛ ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

قاتارلىق تارماق تېمىلار تەھلىل قىلىندى.

3.           مۇزاكىرە تېمىسى : شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ھەل قىلىش تەكلىپلىرى

بۇ مۇزاكىرىدە:

·                   خىتاينىڭ ئەرەپ دۇنياسىدىكى ئسىتىراتېگىيەسى ۋە بۇنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرى

·                   شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى: خەلقئارا قانۇندا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۇسۇللىرى

·                   تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى

·                   شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار ئىسلاھات تەكلىپلىرى

·                   شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشنىڭ پەرزلىكى

قاتارلىق تارماق تېمىلار تەھلىل قىلىندى.

بۇ ئۇچرىشىشتا يۇقىرىقى تېمىلاردىن باشقا يەنە مۇھىم ئۈچ تېما ھەققىدە گۇرۇپلار شەكىلدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. مۇھاكىمىگە قاتناشقۇچىلار خىلمۇخىل قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پىكىرلەر ئاساسىدا مۇھىم نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ چىقىرىلدى.

يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.                  شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئىلمىي پاكىتلار ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش.

2.                  شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنى ھىسسىيات بىلەن ئەمەس، خەلقئارا قانۇن، سىياسىي ئۆلچەملەرگە ماس كېلىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش.

3.                  خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەت ۋە سىياسىي مۇھىتتىن ياخشى پايلىنىش.

4.                  خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىش.

5.                  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىش ۋە دەۋا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

6.                  شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.

7.                  خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ قارا نىيىتىنى ئېچىپ تاشلاش.

8.                  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە ئاكتىپ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، بۇنىڭغا قارىتا يېڭى لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ختاي تەھدىدىنى ياخشى تونۇتۇش.

9.                  شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختا ئوينىغان مۇھىم رولىنى، ئىنسانىيەتكە قوشقان مەدەنىيەت تۆھپىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، دەۋانىڭ يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قوللىغۇچىلارنى جەلپ قىلىش.

10.              شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەت مەسىلىسىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

11.              مۇستەقىللىق نىشانىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇش، سىياسى كىملىكىمىزنى ئېنىق تىكلەش، خەلقئارا قانۇنلاردىن تولۇق پايدىلىنىش، دوست دۈشمەننى پەرقلەندۈرۈش.

12.              شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى مۇئەسسەسەلەشتۈرۈش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش. تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق مېخانىزىمى بەرپا قىلىش.

13. شەرقىي تۈركسىتانلىقلار بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئىشغالىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر- تەكلىپلەر:

·                   شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەركەزلەشكەن مەخسۇس تەتقىقات مەركەزلىرى ئېچىش ۋە ئېنىستىتوتلارنى قۇرۇش.

·                   شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن: تەشكىلاتلارنى سېستىمىلاشتۇرۇش، رىقابەتتىن ھەمكارلىققا ئۆتۈش، يىڭى ئۇسلۇبلار بىلەن دەۋانى تونۇتۇش، ئۇچرىشىش ۋە يېغىنلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ياشلار تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىش، شۇنداقلا ھەرخىل خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش.

·                   خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئىلمىي ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىش.

·                   ھەر خىل تىللاردا ئونۋىرىسال دەۋا قوللانمىسى ھازىرلاش،

·                   ئىقتىساد فوندى قۇرۇپ چىقىش،

·                   شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرىنى ئىستىخبارات، ھەربىي ساھە ۋە مۇھىم پەت- تېخنىكىلىق ساھەلەردە تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش.

·                   ئاياللارنىڭ دەۋادىكى رولىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن توغرا ئىدىيە بىلەن تەربىيەلەش ۋە ئاياللار خىزمىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش.

گۇرۇپپىلار شەكىلدىكى مۇھاكىمىدە تۆۋەندىكىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىلىرى  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مەشرۇلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى مۇھاكىمىلەر:

مۇزاكىرە ئانالىزلىرى:

             شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ تۇپراق ۋە مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئىكەنلىكى

             شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەردە كۆپ تەرەپلىمىلىك قوللاش ئىمكانىيەتلىرى يارىتىش كېرەكلىكى.

             قوللاش ئىمكانىيىتى بار دۆلەتلەردە، ئۈنۈملۈك يوللارنى ئىزدەشنىڭ مۇھىملىقى. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى چۈشىنىدىغان، قوللايدىغان ۋە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان دۆلەت ئورگانلىرى، سىياسەتچىلەر، تەشكىلاتلار ۋە باشقا قاناللار بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا سىستېمىلىق ياردەم بېرىش ئالاقە سۇپىلىرىنى ھازىرلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى،

مۇزاكىرە قارارلىرى:

             شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاساسىي نىشانىنى ۋە ئەڭ مۇھىم قەدەملىرىنى بېكىتىش

             شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا پايدىلىق بولغان خەلقئارالىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدەش

              شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مۇسۇلمان ئەللىرىدە كۈچلەندۈرۈش

2.شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى SWOT ئانالىزى مۇھاكىمىسى

شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى مۇھىم شەخسلەر، ئاكادىمېكلەر، چەتئەللەردىن قېتىلغان  مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى كۈچلۈك تەرەپلەر، ئاجىزلىقلار، پۇرسەتلەر ۋە تەھدىتلەر ئىلمىي شەكىلدە ئانالىز قىلىندى. بۇ ئانالىزلار شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، ئاخبارات ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئانالىزلارغا ئاساسلانغان ھالدا ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىلىرىمۇ تەۋسىيە قىلىندى.

3.شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسى : مىللىي كىملىك كرىزلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەقتە مەۋجۇت ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئۇيغۇر تىلى كىتابلىرىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئۇيغۇرچە سىنىپلىرى ئېچىش، ئومۇمەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي كىملىكىنى ۋە قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق قەدەملەرنى بېسىش تەكىتلەندى.  

ئاخىرىدا، بۇ ياخشى پۇرسەتنى بىزگە نېسىپ قىلغان ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۇنداقلا مىللىي شۇرا يىغىنىمىزنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئارقا سەپتە خىزمەت قىلغان، تەرتىپلەش خىزمەتلىرىدە ئالاھىدە ھەسسە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇلۇغ ئاللاھتىن شۇرا يىغىنىمىزنىڭ مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن تېز پۇرسەتتە قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ۋەسىلە ۋە سەۋەب بولۇشىنى تىلەيمىز.


پىروگراممىلار