TR EN AR
تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە:

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە:


    مەلۇم بولغىنىدەك، 2024 – يىلى، 20-فېۋرال كۈنى، تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرى تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە جاسۇسلۇق پائالىيىتى يۈرگۈزگەن يەتتە كىشىنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى، بۇلاردىن ئالتە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە بىر كىشىنىڭ ئىزدەش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. تۇتۇلغۇچىلارنىڭ كىملىكى، ئىسمى ۋە قايسى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، تۈركىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە يېقىنقى بىر يىلدا كۆپەيگەن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى كۈچلۈك ۋە ئېنىق بىر زەربە بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

   تۇتۇلغۇچىلار ھەققىدىكى كونكرېت ھۆكۈم ساقچى ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە سوراق قىلىشىغا باغلىق بولسىمۇ، بىرلىكىمىز تۈركىيە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان سېلىۋاتقان بۇ خىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشىنى ۋە بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشىنى تەقدىرلەشكە لايىق دۆلەت پوزىتسىيەسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ نۇقتىدا بىز بىلەن ئورتاق پىكىردە ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىمىز.

   دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ياشاۋاتقان تۈركىيەدە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ يول يورۇقى ئاساسىدا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان، جەمئىيىتىمىزدە ئۆزئارا توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلىشىشكە يول ئېچىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، خاتا چۈشەندۈرۈش ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى 7 بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى ئېنىق، تۈركىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، جاسوسلارنى تازلىشىنى ۋە جازالىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

   شۇنداقلا بۇ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان، يول كۆرسىتىۋاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان تۈركىيەدىكى خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئىستىخبارات مەسئۇللىرى، جاسوسلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان خىتاي دىپلوماتلىرى، مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي شىركەتلىرى، تىجارەتچىلىرى، مېدىيا ئورگانلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، لايىقىدا بىتەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

  تۈركىيەدە خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنى ۋە تەشكىلاتلىرىنى قارىلاش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاتالمىش سىياسىي پارتىيە ۋە خەۋەر ئورگانلىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈلۈشىنى سورايمىز.

   ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ ۋە سىياسىي شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ بىخەتەر داۋاملىشىشى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىملىق ئاشكارا تۇتۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىگلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇ ھەرىكەت خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسىيەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە تەھدىد سېلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش ھېساپلىنىدۇ.

  بىرلىكىمىز نامىدىن خەلقىمىزنىڭ بۇ نۇقتىدىكى پوزىتسىيەسى ۋە تەلەپلىرىنى تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قەدەملەرنى بېسىشىغا چاقىرىق قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

22/02/2024

باياناتلار