TR EN AR
ئەرەب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان ساختا تەشۋىقات زىيارىتى توغرىسىدا

ئەرەب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان ساختا تەشۋىقات زىيارىتى توغرىسىدا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەرەب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتىنى «رامىزان ئېيىنىڭ ئادالەت ۋە ئىتتىپاقلىق پىرىنسىپلىرىغا خىيانەت قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلەيدۇ.

رامىزان پەقەت بىر ئاي روزا تۇتىدىغان ئاي بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ ئادالەت، رەھىمدىللىك ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئەھدىمىزنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقىدىغان بىر ئاي. شۇڭلاشقا بۇ زىيارەتنىڭ ۋاقتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە قاتتىق ئەيىبلەشكە لايىق. بۇ زىيارەت ئەرەب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ قولىدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە تۇتقان پەرۋاسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خەۋەرلەر رايوندا خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە كۈلتۈرىنى باستۇرۇش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋىيەسىدىكى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشى چەكلىنىپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ بۇ مۇقەددەس ئايدا تېخىمۇ قاتتىق چەكلەنمەكتە. ئۇلار كۈندۈزى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلانماقتا، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشى ۋە باشقا دىنىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشى چەكلەنمەكتە. دىپلوماتىك زىيارەتلەر ئارقىلىق بۇنداق ئېغىر دەرىجىدىكى ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇش ئەمەس، ھەتتا يول قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.

ئۆز خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ ۋەكىللەردىن مەسئۇلىيەت ۋە سەمىمىيەت تەلەپ قىلىمىز. ئەرەب رەھبەرلىرىنىڭ مەزلۇملار بىلەن تەۋرەنمەس ئىتتىپاقلىقنى كۆرسىتىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قەتئىي ئەيىبلىشى كېرەك. بۇ زۇلۇملارنى قانۇنىيلاشتۇرىدىغان ياكى سەل قارايدىغان ھەر قانداق ئارىلىشىش ياكى سۈكۈت قىلىش بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزگە قىلىنغان خىيانەتتۇر.

پەلەستىنلىكلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار رەھىمسىز ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشى ئوخشاش كۈرەشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي پەلەستىننى قوللاش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلغان زۇلۇمىنى يوشۇرماقتا. خىتاي بۇنىڭ بىلەن ئەرەب-مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئارىسىدا ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ ۋە مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ ئاۋازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۆلىدۇ. بىز بۇ پاكىتلارغا كۆزىمىزنى يۇمماسلىقىمىز كېرەك.

بۇ مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا بىز ئەرەب رەھبەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى قايتا ئويلىنىشقا ۋە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش ئۈچۈن، ئەخلاقىي جاسارەتنى كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز. ئادالەت ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت پىرىنسىپىدا سۈلھىلىشىشكە بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم سىياسىي ياكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك.

خەلقىمىزگە قارىتا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىش دەۋاسى بولۇش بىلەن بىرگە، خەلقىمىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى تۈپەيلىدىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ مۇھىم بىر دەۋاسى ۋە مەسىلىسى دەپ قارىلىشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى نورغۇن تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە ۋە خىتايغا قارشى بىزنى قوللاپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي ئىقتىسادىي يوللار ئارقىلىق بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە جەمئىيەتلەر ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلمايدىغان تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق روھىنى ئۈزۈۋېتىشكە تىرىشماقتا. بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك نارازىلىقىمىز ۋە ئەيىبلىشىمىزنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان، قوللىمايۋاتقان ۋە خاتا چۈشىنىشىۋاتقان مۇسۇلمان خەلقلەرگە بىلدۈرۈشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، خەلقىمىز ئىچىدە مۇسۇلمان كىملىكى ۋە ئىسلام دىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بولغان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ توغرا قەدەم بېسىشقا تەۋسىيە قىلىمىز ۋە شۇنداقلا خەلقىمىزنى بۇ مەسىلىگە توغرا پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرىق قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مۇسۇلمان كىملىكىگە زىتلاشتۇرۇش، خەلق ئارىسىدا زىدىيەت پەيدا قىلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن مۇسۇلمان توپلۇم ئارىسىدا زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەت ۋە چاقىرىقلاردا بولۇش، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن 2 مىليار نوپۇسى بار مۇسۇلمانلار ئارىسىنى ئۆزىۋېتىشتىن ئىبارەت خىتاينىڭ رەزىل پىلانىنى كۈچلەندۈرىدىغان  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيانلىق ھەرىكەتلەردۈر.  شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى تېخىمۇ دەۋا ئەخلاقىغا ئۇيغۇن شەكىلدە، ھىكمەت ۋە ئەخلاق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىمىز.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

2024-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى

 

باياناتلار