TR EN AR
مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سەمىگە:

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سەمىگە:

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يالغان ھېساپلارنىڭ «تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى، تۈركىيە نوپۇس ۋە ۋەتەنداشلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلار بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىكىگە قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى»دەك ساختا ھۆججەت ياساپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى بايقالدى. مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا بىرلىكىمىز ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

ئوخشاش شەكىلدە، بىرقانچە ئاي بۇرۇن، يەنە مەزكۇر ھېسابلاردىن تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە بىرلىك رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەققىدە ئۆسەك- سۆز ۋە تۆھمەت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار تارقىتىلغانىدى.يېقىنقى يىللاردا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا پەيدا بولغان خىتاي جاسۇسلىرى ۋە بەزى دەۋا ئەخلاقى بولمىغان ئاتالمىش گۇرۇپپىلارنىڭ ساختا ھېساپلىرى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنى پارچىلاش، تەشكىلاتلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە ئۆزئارا ئىشەنمەسلىكنى پەيدا قىلىش ۋە بىرلىكىمىزنىڭ ۋە بىرلىك رەھبەرلىكىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ساختا ھۆججەت ياساپ يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، بىرلىك بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىزچىل ياخشى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە خەلقىمىزگە بۇنىڭغا ئوخشاش ساختا ھېسابلاردا تارقىتىلغان يالغان-ياۋىداقلارغا ئىشەنمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىرلىكىمىز تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى، نۇپۇس ئىدارىسى، ئىستانبۇل ۋالىلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە سىياسەتچىلىرى بىلەن ھەرۋاقىت ياخشى ئالاقە ساقلاپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەنداشلىق، ئىقامەت، بىخەتەرلىك ۋە كود مەسىلىلىرى ھەققىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىۋاتىمىز ۋە خەلقىمىزگە تېخىمۇ كۆپ قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەشكىلاتلار بىرلىكى، تەشكىلاتىمىز ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىگە توردا ھاقارەت قىلغان ۋە تۆھمەت قىلغان كىشىلەر ۋە گۇرۇپلارغا قارشى ئۇلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن، كېرەكلىك قەدەملەرنى ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.


ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

09/05/2024

باياناتلار