TR EN AR
خەلقىمىزنىڭ سەمىگە:


خەلقىمىزنىڭ سەمىگە:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىدارە ھەيئىتى ۋە كېڭەش ھەيئىتى بىرلىكىمىزنىڭ ياۋروپا ۋەكىلى ۋە تاشقى ئىشلار ھەيئىتى ئەزاسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بىرلىكىمىزگە سۇنغان، «مەن، نىجات تۇرغۇن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن ئالغان ۋەزىپەمنى لايىقىدا ئورۇندىيالمىغانلىقىم ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قائىدە-تۈزۈلمىلىرىنى بۇزغانلىقىم ئۈچۈن، تەشكىلاتتىكى بارلىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىمەن» مەزمۇنىدىكى رەسمىي ئىستېپا تەلىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىستېپا سەۋەبىنىڭ راستلىقى ۋە شەرتكە ئۇيغۇنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرلىكىمىزنىڭ ياۋروپادىكى سىياسىي خىزمەتلىرى ۋە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىنىشى ۋە بىرلىكىمىزنىڭ سىياسىي نىشانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ ئىستېپا تەلىۋېنى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلغان كېڭەيتىلگەن ئىدارە ھەيئەت يىغىنىدا قوبۇل قىلغانلىقىمىزنى خەلقىمىزگە بىلدۈرىمىز.

نىجات تۇرغۇن ئەپەندى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا، جۈملىدىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدە پەرقلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى ۋە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. خۇددى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى يوللىغان ئىستېپانامىسىدە، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىدە بىرلىكىمىز ۋە بىرلىكىمىزنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ رازىلىق سورىغىنىدەك، بىرلىكىمىزمۇ نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بىرلىكىمىزنىڭ خىزمەتلىرىدىكى تۆھپىلىرى ئۈچۈن، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىرلىكىمىز نىجات تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمىز. 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەتىنىمزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا ھەمكارلىق، بىرلىشىش ۋە ئورتاق ھەرىكەت سۇپىسى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

 

ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

14/05/2024

باياناتلار