16- دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى خىتاپنامىسى
16- دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى، 4- ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە تۈركىيە ئىستانبۇلدا، 31 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن كۆپ قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىشتىراكى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. شۇراغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنىڭ سەرخىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتنىشىش بىلەن بىرگە، ئۇزۇن يىللىق خەلق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى يېقىىندىن قوللاپ كىلىۋاتقان 50 تىن كۆپ سىياسەتچى، مىللەت ۋەكىلى، دىپلومات، دۆلەت ئەربابى، ئاكادېمىك، ئاۋانگارت ياشلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋەكىللىرى قانتاشتى.
16- دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى "10 يىللىق شى جىن پىڭ دەۋرى - ئىرقىي قىرغىنچىلىق، نەتىجىلەر ۋە تەسىرلەر" ئانا تېمىسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى بىر تۇپراق بولۇش سۈپىتى بىلەن، 75 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئاسىمىلاسىيون ۋە مۇستەملىكە سىياسەتلىرى ۋە كۈنىمىزدە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پىشقەدەملىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئاكادېمىكلار، سىياسىيۇنلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەپسىلىي، ۋە ئەتراپلىق ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق شۇرادا ئالتە ئاساسىي تېما بار بولۇپ، تېمىلار تۈۋەندىكىچە:
-
ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مىللىي كىملىككە بولغان تەسىرى: ماھىيىتى، نەتىجىلىرى،
-
خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك تەھدىتى
-
خىتاينىڭ كۈچىيىشى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارىتا خەلقئارادىكى ئىنكاسلار
-
خىتاينىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
-
ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ۋە ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىش يوللىرى
-
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى
يىغىندا خىتاينىڭ 75 يىللىق ئىشغالى ۋە مۇستەملىكە سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون يىلدا يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرى سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، تۇغۇت چەكلەش، ئەركىن سەپەر قىلىشنى چەكلەش، شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيادىن ئايرىۋېتىش، مىليونلىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش، ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش، مىللىي مائارىپ ۋە ئانا تىلنى چەكلەش، مەدەنىيەتنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە باشقا بارلىق سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە پاراللېل ھالدا، ئاسىيا رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى، تاجاۋۇزچۇلۇق ھەرىكەتلىرى، بۆرە دىپلوماتىيەسى، قەرز دىپلوماتىيەسى، "بىر بەلباغ، بىر يول" تەشەببۇسى، ھىندىستان بىلەن چېگىر توقۇنىشى، مىيانماردا ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە باشقا رايونلۇق ھەم خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى سىڭىپ كىرىش سىياسەتلىرى ۋە پىلانلىرىنىڭمۇ كۈچىيىپ بارغانلىقى، رايوندىكى ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن خىتاينىڭ بىۋاستە تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كېڭەيمىچىلىك ئىستراتىگىيەسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كاپالىتى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ۋە ئەركىنلىكىگە بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىمۇ شۇرا جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا يەنە بۇرۇن مۇستەملىكىدە ياشاپ، مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن دۆلەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇستەملىكە ۋە ئىشغالغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، بەل قويۋەتمەسلىك، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق، سىياسىي ھىكمەت ۋە مىللىي بىرلىك ئىداردىسى ئاساسىدا مۇستەقىللىقنىڭ چوقۇم روياپقا چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈمۈدسىزلەنمەسلىككە، بىرلىشىشكە، ۋە ھىكمەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆرەشنىڭ ھەقلىق كۆرەش ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلغان، تارىخ پاكىتلارنى ئاساس قىلغان ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن مۇئامىلە قىلغان شەكىلدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرىشىنى قوللىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شۇرا جەريانىدا، ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللىرى بىلەن خەلق دىپلوماتىيەسى، ئالىملارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئورنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياشلار ئارىسىدا ھەمكارلىق، مىللىي كىملىك مەسىلىسى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ھەققىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنى ئاساس قىلىپ سېمىنار ۋە يېپىق يىغىنلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي قارارلار قوبۇل قىلىندى.
يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىپ، يەكۈنلەنگەن ئاساسلىق نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
-
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقلىق كۆرىشى بولۇپ، بۇنى قوغداش ۋە قوللاشنىڭ مۇھىملىقى
-
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈگىتىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىدا مۇستەقىللىقنىڭ بىردىنبىر يول ئىكەنلىكى
-
شەرقىي تۈركىستاندا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشتا دۇنيا ئەللىرى، خەلقئارالىق قانۇن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلمايۋاتقانلىقى ۋە قوش ئۆلچەم بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى
-
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوخشمىغان تەرەپلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكى، كۈنمىزدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋاستىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارشى ھەرقايسىي دۆلەتلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى پاش قىلىش ۋە چەكلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىملىقى
-
"بىر بەلباغ، بىر يول" تەشەببۇسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى كۈچىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ئىكەنلىكى
-
ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە سودىنى ئاساس قىلغان كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى ۋە بۇنىڭغا قارىتا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بۇ رايونلاردا ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بارلىقى
-
ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قارىتا قوللاشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىش
-
شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش قوشنا دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى گېئوستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئوينايدىغان رولى
-
ھىندىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، بالقان دۆلەتلىرى ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق ئۆتمۈشتە مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ۋە رايونلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تەجرىبىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقى
-
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا كەسپىيلىشىش ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭى قان تولۇقلاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ نۇقتىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى
-
شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيەلەر ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق سۇپىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش، مەدەنىيەت، دىن، ئاكادېمىك تەتقىقاتلار ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى دۇنياغا يېيىش
-
ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، خەلقئارالىق قانۇن، تەشكىلاتلار، ئاممىۋى ھەرىكەتلەر، بايقۇت چاقىرىقلىرى ۋە باشقا ھەرخىل ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
16-دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 7-شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەشكىلات ۋە قاتناشقۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈرەش ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ ھەرۋاقىت ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا يېتەكچىلىك رولى ئويناۋاتقان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە، ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىن، لىۋان ۋە باشقا دۆلەتلەردە داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشىغا، ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە خەلقئارالىق ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشىغا چاقىرىمىز.
ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋا يولىمىزدا سىلەر بىلەن ھەرۋاقىت بىرگە قەدەم ئېلىش ئۈمىدىمىز ۋە ئىرادىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھەممىڭلارغا رەھمەت.
ھۆرمەت بىلەن:
ھىدايەت ئوغۇزخان
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى