TR EN AR
ھاماس بىلەن ئىسرائىل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەستىن خەلقىگە تەبرىك خېتى


ھاماس بىلەن ئىسرائىل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەستىن خەلقىگە تەبرىك خېتى

 

ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمىز

بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھاماس بىلەن ئىسرائىل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن خۇرسەن بولدۇق. بۇ كېلىشىمنىڭ غەززە رايونى ۋە ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى تاجاۋۇزچىلىق، زۇلۇم ۋە ۋەيرانچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشىنى، پەلەستىن دەۋاسىنىڭ چەتكە قېقىلماسلىقى ۋە خەلقئارا قانۇنىي قارارلار بويىچە ئادىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن جىددىي ئىشلەيدىغان يېڭى باسقۇچنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا بىز قاتار، مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇش ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا خەلقئارا سەھنىلەردىكى ئاخبارات، ئىنسانپەرۋەرلىك، ياردەم ۋە قانۇنىي جەھەتتىكى شەرەپلىك پوزىتسىيەسىنى يۇقىرى باھالايمىز.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز قېرىنداش پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى، ئالدى بىلەن 1967-يىللىق چېگرا بويىچە شەرقىي قۇددۇسنى پايتەخت قىلغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق توقۇنۇشنىڭ يىلتىزىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنى ئاساس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيمىز. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ بۇ توقۇنۇش بىلەن بەند بولۇپ قېلىشىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا قىلىۋاتقان دەھشەتلىك دەپسەندىچىلىكىگە تارتماقچىمىز ۋە ياردەمگە چاقىرىمىز.

 

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

 

15.01.2025

 

باياناتلار