

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەققىدىكى ئىددىئالارغا مۇناسىۋەتلىك بايانات
بىرلىكىمىزنىڭ 19-فېۋرال كۈنىدىكى قارارى بويىچە، ھىدايەتۇللاھ ئوغوزخانغا ئالاقىدار ۋەقە ھەققىدە قۇرۇلغان تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش ھەيئىتى، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى ۋە دوكىلاتلار بىرلىكىمىز رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇلدى. بۇ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ۋە تەپتىش ھەيئىتى ئەزالىرى ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپتىن تاللاندى. ھەيئەت ئەزالىرىنى تاللاشتا، ئىلمىي ئىقتىدار، جامائەتتىكى ئورنى ۋە ئىتىبارى، بىرلىكىمىز ۋە مائارىپ تەشكىلاتى بىلەن تەشكىلىي ئالاقىسى بولمىغان شەخسلەر بولۇشى ئالاھىدە شەرت قىلىندى. بۇ شەرتلەر ئاساسىدا، تۈركىيەدىكى داڭلىق دىنىي ئالىم ۋە شەخىسلەرنىڭ كۈزەتچىلىكى ئاساسىدا تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت مەزكۇر تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە مۇستەقىل بىر شەكىلدە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ باردى. ھەيئەت ئەزالىرى دوكىلاتلىرىنى ۋە يىغقان ماتىرىيال ۋە گۇۋاھلىقلارنى بىرلىكىمىزگە تاپشۇردى.
بىرلىك تەپتىش ھەيئىتى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۈستىدىكى ئىددىئالار ھەققىدە سۇنۇلغان دوكلاتلار، دەلىللەر، گۇۋاھلىقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بايانلىرىنى ئانالىز قىلىش، تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئىچىدىكى دىنىي ئالىم ۋە قانۇنشۇناسلار بىلەن مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدىكى قانائىتى بولسا: قانۇن ۋە شەرىئەت قائىدىلىرى نۇقتىسىدىن دەلىللەر ۋە گۇۋاھلىقلاردا كەمچىللىك ۋە زىددىيەتنىڭ بولۇشى، دەلىللەرنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىددىئا قىلىنغان جىنايەتلەرنى ئىسپاتلاشتىكى يېتەرسىزلىكى، بىر قىسىم دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ تەمىنلەنمەسلىكىگە ئوخشاش نۇقسانلارنىڭ بولۇشى، شۇنداقلا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ قەسەم بىلەن كەسكىن رەت قىلىشى قاتارلىقلار سەۋەپلىك ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەققىدىكى ھەممىگە مەلۇم ئىددىئالارنىڭ راستىلىقى ئىسپاتلىنالمىغان. بىرلىكىمىز مەزكۇر ئىددىئالار ھەققىدىكى بارلىق دوكىلاتلار، تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى، دەلىل نامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماتىرىياللار ۋە گۇۋاھلىقلار ئاساسىدا، تەپسىلىي تەشكىلات ئىچى ئانالىز دوكىلاتى تەييارلىغان بولۇپ، تەشكىلاتىمىزغا رەسمىي تەلەپ سۇنۇلغان ئەھۋالدا، دوكىلات تەمىنلىنىدۇ.
بۇ ئانالىزلار ئاساسىدا تەشكىلاتلار بىرلىكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ قانائىتى بويىچە، 19 - فېۋرال ۋەزىپىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەشكىلاتتىكى ۋەزىپىسىگە قايتسا بولىدۇ.
ئاخىرىدا، بىرلىكىمىزنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خالىسانە ۋە سەمىمىيلىك بىلەن تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە تەر تۆككەن بارلىق ئۇستازلارغا بىرلىكىمىز نامىدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا 19 - فېۋرالدىن ئېتىبارەن تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تەشكىلاتىمىزنىڭ بۇ جەرىياندىكى خىزمەتلىرىنى ئاقساتماي ئادا قىلغان پروفېسور دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
2025-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەنبە
باياناتلار


