

كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بايانات
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىدارە ھەيئىتى بىرلىكىمىزنىڭ ئىچكى تەشكىلات تۈزۈلمىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى قارارلارنى ئالدى:
-
بىرلىكىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان 2025-يىلى، 4-ئاينىڭ، 26-كۈنى بىرلىكىمىزگە ئىستىپاسىنى سۇنغان بولۇپ، ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بىردەك تەستىقلىشى بىلەن ئىستىپاسى قوبۇل قىلىندى. بۇ قارار بۈگۈندىن تارتىپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
-
بىرلىك ئەزالىرىنىڭ قارارى بىلەن مۇۋەققەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن پروفېسسور دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيارنىڭ ۋەزىپىسى بۈگۈندىن ئىتىبارەن رەسمىي ئاخىرلاشتى.
-
بىرلىك رەئىسىنىڭ رەسمىي ئىستىپاسى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بىرلىك نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قارارى بويىچە، يېڭى بىر ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بېرىلغۇچە بولغان مۇددەتتە باشقۇرۇش، ۋەكىللىك قىلىش ۋە رەئىسنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرىنى ۋاكالىتەن ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بىرلىك مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىنىڭ ۋاقىتلىق رەئىس سۈپىتىدە خىزمەت ئۆتىشى قارار قىلىندى. مۇۋەققەت رەئىس نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي بۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا بىرلىكىمىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە باشلامچىلىق رولىنى ئوينايدۇ.
-
بىرلىكىمىزنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى، ئىچكى ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمىلىيلىشىشى ۋە دەۋانىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلالىشى ئۈچۈن، قىسقا مۇددەت ئىچىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئومۇمىي سايلىمى ئېلىپ بېرىش قارار قىلىندى. سايلام خىزمەتلىرىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار بېكىتىلىپ، خەلقىمىزگە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغان كەلتۈرۈش يولىدا، خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان، دۇنيانىڭ پەرقلىق دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقىمىزنىڭ، ئالىملىرىمىز، زىيالىلىرىمىز ۋە ئۇستازلىرىمىزنىڭ تەنقىدلىرى، تەكلىپلىرى ۋە تەۋسىيەلىرىگە ھەرۋاقىت مۇھتاجمىز. بىرلىكىمىز بارلىق ئەزا تەشكىلاتلىرى ۋە مەنسۇپلىرى بىلەن دەۋا يولىدا مۇستەھكەم دەۋام قىلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى
2025/04/27
باياناتلار


